ئەركىنلىكلەر«دۆلىتى»فىرانسىيەدە ئەركىنلىك تەرەپدارى بىر مۇخبىر ئىشتىن ھەيدەلدى

ئەركىنلىكلەر«دۆلىتى»فىرانسىيەدە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان بىر مۇخبىر ئىشتىن ھەيدەلدى.

504392
ئەركىنلىكلەر«دۆلىتى»فىرانسىيەدە ئەركىنلىك تەرەپدارى بىر مۇخبىر ئىشتىن ھەيدەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلارنى قوللىغان بىر فىرانسىيە مۇخبىرى ئىشتىن ھەيدەلدى.

فىرانسىيەدە بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئىش تاشلاش ھەرىكىتى داۋملىشىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

فىرانسىيە مېدىياسىدىمۇ مەملىكەت مىقياسىدا ھىچقانداق مەسىلە يوقتەك تەشۋىق قىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان بىر مۇخبىر ئىشتىن ھەيدەلدى.

فىرانسىيەگە قوشنا دۆلەتلەر فىرانسىيەدە ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

تۈركىيەدە مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئىش يۈز بېرىپ قالسا CNN, AFP ۋە BBC قاتارلىق خەلقئارا مېدىيا ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا تاكسىمدىكى ۋەقەلەرنى 24 سائەت بىۋاستە تارقاتقانىدى، پارىژدا «ھېچقانداق مەسىلە ۋە ئېغىر ۋەقە يوق»دېگۈچىلەر ھازىر بولسا سۈكۈت قىلماقتا. مەتبۇئات ئەركىنلىكى بىلەن سۆز ئەركىنلىكىنى تىنماي تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەدە مەشھۇر ژۇرنىلىنىڭ باشلىقى ئاۋدې لانسېلىنىڭ پارىژدىكى نامايىشچىلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن ھەيدەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر