ئامېرىكىنىڭ «‹ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى› تىزىملىكى» دە پ ي د يوق
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «2015 – يىللىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د كىرگۈزۈلمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىزىملىككە پ ك ك، TAK، DHKP-C، MLKP ۋە دائېش قاتارلىق تەشكىلاتلارغا مەنسۇپ شەخسلەر كىرگۈزۈلدى.
تۈركىيە دائىرىلىرى پ ي د ۋە ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئامېرىكا دائىرىلىرىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي دنى تىزىملىككە كىرگۈزمىدى.
پ ي د «تۈركىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» قىسمىدا بىر قېتىملا تىلغا ئېلىندى ھەمدە تۈركىيەنىڭ پ ي د ۋە ئۇنىڭ ھەربىي قانىتى ي پ گ نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ئەنقەرەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكىنىڭ تىزىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتىدا، تۈركىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 2015 – يىلى ئىيۇلدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 300 دىن ئارتۇق دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى، بۇلتۇر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا % 13 ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكى؛ بىراق مىسىر، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپەيگەنلىكى تەكىتلەندى؛ دائېشنىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەھدىت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.