تىرامپ ئاۋام پالاتاسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن بىرى بولغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پاۋل رىيان، پىرېزىدېنت نامزاتى دولد تىرامپنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

503377
تىرامپ ئاۋام پالاتاسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكادا 8 – نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تەييارلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەردە، ماي ئېيىدا  جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىچىدىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققان تىرامپ بىلەن پارتىيەدىكى مۇھىم كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا چىققان پىكىر ئوخشىماسلىقى، دۆلەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان رەئىسى پاۋل رىيان بۇنىڭدىن بۇرۇن تەييارلىق سايلاملاردا رەقىپلىرىنى ئۈستۈن نەتىجە بىلەن يەڭگەن تىرامپتىن ئۇزاق تۇرۇۋاتقان ئىدى. ھەتتا پاۋل رىيان ۋاشىنگتوندا تىرامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، « تىرامپنى قوللاشقا تەييار ئەمەسمەن» دېگەن ئىدى. بىراق، پاۋل رىيان تۈنۈگۈن (2 – ئىيۇن) تىرامپنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا چىقىدىغان «جانېسۋىللى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، تىرامپ بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقى بولسىمۇ، ئەمما كېلىشەلەيدىغان ئورتاق تەرەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تىرامپ ھەققىدە: «ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ياخشىلىيالايدىغان پىكىرلىرىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ۋە باي سودىگەرنىڭ پىرېزقدېنت نامزاتلىقىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر