«پارىژدا تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە»

بۇ سۆزلەر فىرانسىيەنىڭ  پايتەختى پارىژدىكى Saint-Germain كوماندىسى ماھىرى شىۋېتسىيە مىللىي كوماندىسىدىن دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى زلاتان ئىبراھىمىموۋىچكە ئائىت.

502772
«پارىژدا تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە»
fransa ptotestoları.jpg
fransa protesto.jpg
fransa'da polisi şiddeti.jpg
fransa'daki polisi şiddeti.jpg
fransa polisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىمىموۋىچ فىرانسىيەدە 10 – ئىيۇندىن 10 – ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2016 – يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەڭگە چۈشىدىغان شىۋېتسىيە مىللىي كوماندىسىنىڭ مەشق لاگېرىدا فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش ۋە نامايىشلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇسابىقە جەريانىدا كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارىژدا تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە. ۋەقەلەر چوڭىيىپ كەتتى، شۇڭا ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەرلەر كوچىلارغا چىقتى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيەدە يېڭى خىزمەت قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش تاشلاش ۋە نامايىشلار، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بېنزىن قىيىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەرقايسى ئۇيۇشمىلار بۇ قېتىم ئايرودۇرۇمنىڭ يوللىرىنى تاقىۋالدى.

فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، Clermont-Ferrand  شەھىرىدىكى Clermont-Ferrand-Aulnat  ئايرودۇرۇمىغا بارىدىغان يوللارنى تاقىۋالدى.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى فىرانسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان بىر پەيتتە، «‹ Le Figaro › گېزىتى»، نامايىشلار تۈپەيلى ساياھەتچىلەرنىڭ فىرانسىيەدىن ۋاز كېچىپ، باشقا دۆلەتلەرنى تاللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، «تۈرلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ مەمۇرلارنى قوشۇمچە كۈلپەتلەرگە دۇچار قىلىدىغان يېڭى قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىش تاشلىشى ۋە داۋاملىق نامايىش ئۆتكۈزۈشى تۈپەيلى ساياھەتچىلەر فىرانسىيەگە كەلمەيۋاتىدۇ، كەلگەنلەرمۇ قېچىۋاتىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر