ھىندونېزىيەدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلى ئەتراپىدا 6.5 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.

502300
ھىندونېزىيەدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى خەۋپى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن رايوندا بىر مەزگىل توك توختاپ قالغان. دېڭىز قىرغىقىدىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يەرنىڭ تېگىدىن 50 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندونېزىيە سىسمىك ۋە ۋولقانسىمان ھادىسىلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونغا جايلاشقان دۆلەت ئىكەن.

2004 – يىلى ھىندونېزىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە ۋە يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز تاشقىنىدا 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر