ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنى ئەيىبلىدى.

502342
ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي داۋاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر ھەپتە ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتسىز ئۈچ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان پيۇڭياڭ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەشكە چاقىردى، پيۇڭياڭنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ قىلىپ، داۋاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا تولۇق رىئايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى يانۋاردا ھىدروگېن بومبىسى سىنىقى، فېۋرالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان شىمالىي كورېيەگە قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر