ئىران ئەدەن دېڭىز قولتۇقىغا ھەربىي پاراخوتلىرىنى يوللىدى
ئىران دېڭىز ئارمىيەسى، 41 – ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئىستىخبارات قىسمىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەندەر ئابباس پورتىدىن ئەدەن دېڭىز قولتۇقىغا يوللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسى، ئەدەن دېڭىز قولتۇقىغا ھەربىي تىرانسپورت پاراخوتى ۋە ئۇرۇش پاراخوتىدىن تەشكىل تاپقان ياردەمچى قىسىم ئەۋەتتى.
ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «تەنسىنىم»نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى، ھەربىي تىرانسپورت پاراخوتى «Lavan» ۋە «شەيخ دەريابان ناقدى» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدىن تەشكىل تاپقان 41 – ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئىستىخبارات قىسمىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەندەر ئابباس پورتىدىن ئەدەن دېڭىز قولتۇقىغا يوللىغان.
خەۋەردە، ئەدەن دېڭىزىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي تىرانسپورت پاراخوتى «Tunb» ۋە «Elburz» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدىن تەشكىل تاپقان 40 – قىسىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى تاماملاپ ئىرانغا قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رايونغا يوللانغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا بىنائەن ئىرانغا تەۋە سودا پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز يولى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.