104ياشلىق موماي ئىشەنگۈسىز بىر ئىشنى سىناپ كۆردى

104 ياشلىق موماي سائىتىگە 300 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭغان بىر ئاپتوموبىلدا ئولتۇردى.

501921
104ياشلىق موماي ئىشەنگۈسىز بىر ئىشنى سىناپ كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ ساسسۇلو شەھىرىدىكى كاسا سېرېنا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدىغان 104 ياشلىق موماي ئىدا رېگگىئانىنىڭ دوستلىرى ئۇنى پىت لانې يولىدا سائىتىگە 300 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭغان بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى.

مۇسابىقە يولىدا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 قېتىم ئايلانغان رېگىئانى، «ئۆيگە قايتقۇم يوق. ھاياتىمنىڭ ئەڭ بەختلىك مىنۇتلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم. گويا ئۇچقاندەكلا بولدۇم. ئۆلۈم مۇشۇنداق بىر نەرسە بولسا كېرەك» دېدى.

بۇ ھەدىيە رېگىئانى موماينىڭ دوستلىرىغا 3 مىڭ ياۋروغا توختىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر