ب د ت: ھەلەبتە 165 مىڭ ئادەم خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقى، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىدا 165 مىڭ ئادەمنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

499955
ب د ت: ھەلەبتە 165 مىڭ ئادەم خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقى، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىغا مەركەزلەشكەن توقۇنۇشلار تۈپەيلى ئازەز ناھىيەسىگە يېقىن بىر جايدا 165 مىڭ ئادەمنىڭ تار بىر يەرگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقى بايانات بېرىپ، توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاشلىق، سۇ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، جىددىي ئەھۋاللارغا تەييارلىق كۆرۈلۈشى ئۈچۈن تۈرك ئەمەلدارلارغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردىكى لاگېرلارنىڭ مەسئۇلى ئەھمەد بەقۇر، دائېشنىڭ ھەلەبكە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ بابۇسسەلامە لاگېرى ئەتراپىدىكى ۋەيرانە لاگېرلارغا كىرىۋالغان كىشىلەرنىڭ جىددىي ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، «ئىككى كۈن ئىچىدە رايونغا 1500 گە يېقىن ئائىلە كەلدى. ھەلەبنىڭ مارى ناھىيەسىدە دائېش بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، بۇ سان بارغانچە كۆپىيىدۇ. مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان ئەشيالار يوق. لاگېرلاردا ئۇلار پاناھلىنىدىغان چېدىرمۇ يوق، ئادەملەر يەرلەردە ياتماقتا. خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، تەلەپ قىلىنغاندىن خېلىلا ئاز ياردەم كەلدى» دېدى.

ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئورگانلىرىنىڭ كىرىزىس پەيتلىرىدە بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ رايوندىن چېكىنگەنلىكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ناھايىتى ئېغىر مەسىلىلەرنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بەقۇر، «كىرىزىس پەيتلىرىدە يوق ياردەم ئورگانلىرىنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى؟!» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر