ۋاشىنگىتون ي پ گ نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا باشچىلىقىدا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى ستىۋ ۋەرېن ي پ گ توغرۇلۇق سەلبىي بايانات بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، ۋاشىنگىتون تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

499469
ۋاشىنگىتون ي پ گ نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر ۋاشىنگىتوننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان ي پ گ نى ھەربىي ھەرىكەت ۋە تەۋسىيە جەھەتتىن داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ مەسىلىسىدىكى قارىشى ۋە ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن تونېر ۋاشىنگىتوننىڭ ي پ گ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر باغلىنىش يوق دېيەلمىسەممە، ئامما ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم تەشكىلاتتۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى قوماندان ستىۋ ۋەرېن سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ سىمۋولى بار بولغان كىيىم – كېچەكلەرنى كىيگەنلىكى توغرۇلۇق باغدادتىن ۋىدېئو كونفېرانس ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى: «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ي پ گ نىڭ سىمۋوللىرى بار كىيىملەرنى كىيىش ھوقۇقى يوق ھەم مۇناسىپمۇ ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاندى. جۈملىدىن بۇ ھەقتە رايوندىكى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ بىلەن يانمۇيان كۆرۈنۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى قەتئىي بىر دۆلەتنىڭ، بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىمۋولىنى ئىشلىتىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىلىقلارغا شۇنداق تەۋسىيە قىلىمىزكى، سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغا بارغان ھامان دائېش، ئەننۇسرە ۋە ئەلقائىدەنىڭ سىمۋوللىرىنى تاقىسۇن، ئافرىقىغا بارغان ھامان بوكو ھارامنىڭ سىمۋولىنى تاقىسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر