ئامېرىكا ي پ گ بىلەن راستىنلا ھەمكارلىق ئىچىدىمۇ؟

سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن قىلىنغان ھەمكارلىق شەرمەندىچىلىكى ئاشكارىلاندى.

498748
ئامېرىكا ي پ گ بىلەن راستىنلا ھەمكارلىق ئىچىدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىلىرى بولغان پ ي د ۋە ي پ گ ئەزالىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ فوتوگرافلىرىنى تارقاتتى. فوتوگرافلاردا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تېررورىستلار بىلەن يانمۇ يان تۇرغان ھالەتتە كۆرۈلىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر ئالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ بايانات ئېلان قىلدى. بىراق، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قانداقلارچە تېررورىستلارنىڭ قوغدىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە مۇمكىن بولمىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پېتېر كۇك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، راققەنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تارتىلغان فوتوگرافلار توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەسكەرلەر بار جايلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئەسكەرلەرنىڭ دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈچلەگە مەسلىھەتچىلىك قىلىش ۋە ياردەم قىلىش ۋەزىپىسى بار. ئەسكەرلەر بۇ كۈچلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ياردەمدە بولىدۇ. ئەسكەرلىرىمىز ئالدىنقى سەپتە يوق، بۇ ئۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلمايدۇ» دېدى.

ئۇ قايتا – قايتا سورالغان سوئالغا: «ئالاھىدە قىسىملار بۇرۇنمۇ بەزى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە ۋە كىملىكلىرىدىن پايدىلانغان ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېر بولسا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ فوتوگرافلىرى توغرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئالاھىدە قىسىملارنىڭ سۈرىيەدىكى دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇرۇش قىلىشقا مەسلىھەت بېرىش ۋە ياردەم قىلىش ۋەزىپىسى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق» دېدى.

ئۇ ي پ گ نىڭ ئامېرىكادا ياسالغان قوراللار بىلەن قوراللانغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا بولسا: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئۇرۇش مەيدانىدا ئولجا ئېلىۋېلىنغان ناھايىتى نۇرغۇن قوراللار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قوراللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە قەيەردە ياسالغانلىقىنى ئۇقالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بۇ توغرىدا ئېنىق بىر نەرسە يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلەرگە مەسلىھەتچىلىك قىلىش ۋە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ئورۇنلىشىشىنى قارار قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاپرېل ئېيىدا 250 ئەسكەرنىڭ سۈرىيەگە بېرىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 300 گە چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر