سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبىتى باشلانمىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتېفان دۆ مىستۇرا سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى 2 – 3 ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

498634
سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبىتى باشلانمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆ مىستۇرا بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جەنۋەدىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما ئالدىمىزدىكى 2 – 3 ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جەرياندا ھەم سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەم ئۆكتىچىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىمىز. ئاۋغۇستقا قەدەر سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى تېزراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر