ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر كونسېرت زالىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
497983
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر كونسېرت زالىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى.
ۋەقە مانخاتتان رايونىدا خىپخوپ ناخشىچىسى ت.ئى سەھنىگە چىقىدىغان كونسېرت زالىدا مەيدانغا كەلدى. ساقچىلار، قورسىقىغا ئوق تەگكەن 33 ياشلىق بىر كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان ئۈچ كىشىنىڭ بالنىستقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن سالونغا كىرىش – چىقىش توختىتىپ قويۇلدى. ساقچىلار ھۇجۇمچىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.