كولومبىيەدە ژۇرنالىستلار ئارقا - ئارقىدىن يۇقاپ كەتمەكتە

كولومبىيەدە بۇ قېتىم كولومبىيەلىك ئىككى ژۇرنالىست ئىز - دېرەكسىز يۇقاپ كەتتى.

497881
كولومبىيەدە ژۇرنالىستلار ئارقا - ئارقىدىن يۇقاپ كەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەدە ھەپتە ئاخىرىدا يوقاپ كەتكەن ئىسپانىيەلىك ژۇرنالىست سالۇد خېرناندېز-مورا توغرىسىدىكى بەس – مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يەنە كولومبىيەلىك ئىككى ژۇرنالىستنىڭ ئىز دېرىكى قىلىنالمىدى.

كولومبىيە ئارمىيەسى ئىسيانچىلار بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كاتاتۇمبودا يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىستلارنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ژۇرنالىستلارنىڭ يوقاپ كېتىشى كولومبىيەدە نارازىلىق پەيدا قىلدى؛ مېدىيا مەنسۇپلىرى بىلەن ئۇلارنى قوللىغان خەلق پايتەخت بوگوتادا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار، يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىلىشى ۋە مېدىيا مەنسۇپلىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى توغرىسىدا ئالاقىدار مەسئۇللارغا چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر