باڭلادېشتا ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
باڭلادېشنىڭ قىرغاق رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىدا 21 ئادەم ئۆلدى، 500 مىڭ ئادەم ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالدى.
495603

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتتىق ھۆل – يېغىن ھاياتلىقنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، 80 يېزا پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالدى. باڭلادېشتا ئۆي – ماكانسىز قالغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرى قۇرۇلماقتا. جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ دۆلەت ھەر يىلى بوران ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدەك ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.
باڭلادېشتا 2007 – يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق بوراندا 4 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.