مىسىرنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

مىسىر ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى.

مىسىرنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىسىرلىق 30، فىرانسىيەلىك 15، جەمئىي  59 يولۇچى بىلەن 10 ئايروپىلان خادىمى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. پارىژ – قاھىرە ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان 804 - نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ رادارلار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 23.09 دا پارىژدىن قوزغالغانىدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر Airbus A 320  تىپلىق ئايروپىلان مىسىر ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ، 16 كىلومېتىر ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن ئايروپىلان بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغان بولۇپ، گىرېتسىيە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۇچقۇچى بىرەر خەۋپ ياكى جىددىي ئەھۋالنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلمىغان. ۋەقەدىن كېيىن مىسىر دائىرىلىرى ئايروپىلاننى ئىزدەش – تېپىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. مىسىر باش مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئېھتىماللىقلارنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلاننى ئىزدەش – تېپىشقا گىرېتسىيەنىڭ قوغدىغۇچى كېمىسىمۇ ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر