سومالىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالى پايتەختى مۇقدىشۇدا قاتناش ساقچى مەركىزىي ئادەم بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تۆت ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

487316
سومالىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدا قاتناش ساقچى مەركىزىنى نىشانغا ئالغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، تۆت ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئالتە ئادەم يارىلاندى.

مەسئۇل دائىرىلەر، ھۇجۇمنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى، ئارقىدىن يەنە بىر ھۇجۇمچىنىڭ بىناغا كىرىشكە ئۇرۇنغاندا توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر