قۇندۇزدا كۆپ ساندا تالىبان ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپ ساندا تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

482032
قۇندۇزدا كۆپ ساندا تالىبان ئۆلتۈرۈلدى
afganistan taliban.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تالىباننىڭ 21 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

مەزكۇر ھەرىكەت جەريانىدا يەنە كۆپ ساندا قوراللىق كىشى بىلەن بىر مىقدار قورال ۋە ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلدى. زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بۇ رايوندا بۇنىڭدىن 3 كۈن ئىلگىرى تالىباننىڭ 10 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر