ب د ت جەنۋە ئۇچرىشىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدىكى سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرىنى ئۆكتىچىلەر قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ.

476303
ب د ت جەنۋە ئۇچرىشىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستفان دېمىستۇرا شىۋېيتسارىيە «RTS» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆكتىچىلەر تەشكىللىگەن مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتى جەنۋە ئۇچرىشىشلىرىنى توڭلىتىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ب د ت نىڭ ئۇچرىشىشلارنى جەنۋەدە قالغانلار بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇچرىشىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلالمايمىز، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يېڭىلىشىمىز، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشنى تېزلەشتۈرۈشىمىز لازىم.»

ئۇ مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىن بالدۇر ئايرىلىش قارارىغا «دىپلوماتىك ئىنكاس» دەپ باھا بەردى. ئۇ سۈرىيەدە بەش يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشتا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ جەنۋە ئۇچرىشىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق يىغىن چاقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سالىم ئەلمۇسلات جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشلاردىن چېكىنمىگەنلىكلىرىنى، مەيداندا ئۆزگىرىشنى كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت كېچىكتۈرۈش قارارى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سالىم ئەلمۇسلات مەيداندىكى ئەھۋال ياخشىلانماستىن، قايتا مۇزاكىرە ئۈستىلىگە كەلمەيدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قورشاۋلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە بومباردىمانلارنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشلار داۋام قىلىدىغان بولسا، بىر تەرەپتە سۈرىيە خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى، يەنە بىر تەرەپتە مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلدى.

يەرلىك مەنبەلەر، بۈگۈن (22 – ئاپرېل) مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتى ھەيئىتىنىڭ جەنۋەدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى، بەزى ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن بىر قانچە كىشىنىڭ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر