يەمەن تىنچلىق سۆھبىتى

يەمەن تىنچلىق سۆھبىتى بۈگۈن كۇۋەيتتە باشلىنىدۇ.

474958
يەمەن تىنچلىق سۆھبىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە تەرەپلەر شىئە ھۇسىيلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ۋە قورال – ياراغلىرىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشى نىشان قىلىنغان قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يەمەندە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانىدى. ئۈچىنچى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ دۈشەنبە كۈنى كۇۋەيتتە باشلىنىشى كۈتۈلۈۋاتاتتى، بىراق ھۇسىيلار قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، كېچىكتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر