ئىسلام ئارمىيەسى قۇرۇلۇلامدۇ؟

13 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئەتە (14 – ئاپرېل) ئىستانبۇلدا «ئىران – سەئۇدى ئەرەبىستان يىرىكچىلىكى، تېررورلۇق ۋە ئىسلام ئۆچمەنلىكى» دېگەن تېما ئاستىدا توپلىنىدۇ.

470503
ئىسلام ئارمىيەسى قۇرۇلۇلامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد ئەمىن مەدەنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاھىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 56 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان يىغىنغا، 33 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىشتىراق قىلىدۇ. يىغىندا، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، مۇساپىرلار مەسىلىسى، ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە كۈچىيىۋاتقان ئاشقۇنلۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) دىن قالسىلا دۇنيادىكى 2 – چوڭ تەشكىلات ھېسابلىنىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، تۈنۈگۈن (12 – ئاپرېل) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىدا تۈركىيەگە كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى بىر كۈن بويىچە داۋام قىلدى ۋە يىغىن ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات ئېلان قىلىندى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىياد ئەمىن مەدەنى بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، ئەڭ كۆپ كىشى قاتناشقان يىغىن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بۇ يىغىن ئالاھىدە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ يىغىن كۈنتەرتىپىدە 107 ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، كەمبەغەللىككە قارشى كۈرەش، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سېلىنما ۋە پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى بەلگىلەش، بىلىم ۋە تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىنقى قاتاردا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇ جەرياندا، تەشكىلاتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى بىلەن تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زىيارەت ھەيئىتى تەشكىللەندى.

يىغىنغا لىۋىيەنىڭمۇ قاتنىشىشى، باشقا ئىشتىراكچىلار تەرىپىدىنمۇ قىزغىن قارشى ئېلىندى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران يىغىنغا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قاتنىشىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانى ئىستانبۇلدىكى يىغىندا بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ھالغا كەلگەن ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىشى، يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بولۇپمۇ، پادىشاھ سەلماننىڭ 2015 – يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن يىرىكلەشكەن سەئۇدى ئەرەبىستان – ئىران مۇناسىۋەتلىرى، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي بۇزۇلدى. ئىران ۋاستىلىك ھالدا ھۇسىيلارنى قوللىدى، سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا سابىق پىرېزىدېنت مەنسۇر ھادىنى بىۋاستە قوللاپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولدى. ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 دۆلەت قاتناشقان «ئىسلام ئارمىيەسى» قۇرۇش پىكرى، رىياد – تېھران ئارىسىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇردى.

يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. ئىستانبۇل ساقچى دائىرىلىرى كونگرە ۋادىسىنىڭ بەشىكتاش – تاكسىم – شىشلى لىنيەسىدىكى ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر