كېررىي بىلەن لاۋروۋ ئەزەربەيجان–ئەرمېنىيە توغرىسىدا كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

465267
كېررىي بىلەن لاۋروۋ ئەزەربەيجان–ئەرمېنىيە توغرىسىدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە تاغلىق قاراباغ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ھازىرچە جون كېررىينىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئوتتۇرىغا چىققان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر ئىككى تەرەپنى كۈچ ئىشلىتىشتىن بالدۇرراق ۋاز كېچىشنى ۋە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىسى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىخەتەرلىك ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، تاغلىق قاراباغ رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەرمېنىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا توپلانغان بىر توپ ئەزەربەيجانلىقلار، ئولتۇراق رايونلاردا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

نامايىشتا، رۇسىيەگىمۇ قارشى شوئار توۋلاندى ۋە ئەرمېنىيە «رۇسىيەنىڭ قونچىقى» دەپ ئەيىبلەندى. نامايىشچىلار ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان قاراباغدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر