دۇنيا جامائەتچىلىكى ب د ت نىڭ چاقىرىقىنى جاۋابسىز قالدۇردى

ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ مۇساپىرلار توغرىسىدىكى چاقىرىقى جاۋابسىز قالدى.

461882
دۇنيا جامائەتچىلىكى ب د ت نىڭ چاقىرىقىنى جاۋابسىز قالدۇردى
Beyaz Saray Josh Earnest.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەردىكى ھەر 10 سۈرىيەلىك مۇساپىردىن بىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى چاقىرىقى جاۋابسىز قالدى.

شىۋېتسىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە سۈرىيەلىك ‹مۇساپىرلارنىڭ دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقنى ئورتاقلىشىش› تېمىلىق يىغىن چاقىرىلدى.

ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقى سۈرىيەگە قوشنا ئەللەردىكى 4 مىليون 800 مىڭ مۇساپىرنىڭ 480 مىڭىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق چاقىرىق ئېلان قىلغان يىغىندا، خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت 6 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە قىلدى.

ئىتالىيە 1500، شىۋېتسىيە يەنە 3000 مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھېتىر ھىگىنباتىم، يېڭى مۇساپىر قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق ۋەدە بەرمىدى. ئۇ پەقەت دۆلىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان 10 مىڭ سۈرىيەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ قوشۇمچە مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرمىدى. بەزى دۆلەتلەر ئائىلىلەرنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىنسانپەرۋەر ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، يەنە بەزى دۆلەتلەر بولسا، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى ۋە ئوقۇش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت غا ھازىرغىچە 179 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى. ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارى فىلىپپو گراندى بايانات بېرىپ، بۇ ۋەدىنىڭ 179 مىڭدىن 185 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر