ئىسلامئاباد «ئىسلام قەھرىمانى»سەۋەبىدىن قالايمىقانلاشتى

پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ ۋەزىيىتى «ئىسلام قەھرىمانى»سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتتى.

459862
ئىسلامئاباد «ئىسلام قەھرىمانى»سەۋەبىدىن قالايمىقانلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا 10مىڭ ئادەم مۇمتاز قادىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىگە قارىتا پايتەخت ئىسلامئابادقا قاراپ يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت سابىق پەنجاپ ئۆلكىسى ۋالىيسى سەلمان تاسىرنى ئىسلام دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان قانۇنلارغا قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرگەن مۇھاپىزەتچىسى مۇمتاز قادىرىنىڭ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئارمىيەسىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ھۆكۈمەت ئارمىيەدىن ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ۋە پارلامېنت ئەتراپىدا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

مىڭلارچە نامايىشچىنىڭ پارلامېنت ئالدىدا نامايىش قىلىشىغا قارىتا، ساقچىلار نامايىشچىلارنى بېسىقتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن سۈركىلىشتە 31 ساقچى خادىمى بىلەن 40 نەپەر نامايىشچى يارىلاندى، 300گە يېقىن نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر