ئەسەد كۈچلىرى دائېشنى پالمىرانىڭ شىمالىدىن قوغلىدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى پالمىرا قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىدىن چېكىندۈردى.

457526
ئەسەد كۈچلىرى دائېشنى پالمىرانىڭ شىمالىدىن قوغلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئىنتىرتاس ئاگېنتىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلاناندا، دائېش پالمىرا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىغان. بەششار ئەسەد قىسمىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن دائېش مىنامىيوتلار قارشىلىق كۆرسەتكەن.

بۇ جەرياندا سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بەششار ئەسەد قىسمىنىڭ پالمىرا شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد قىسىملىرى 2015 – يىلى ماي ئېيىدىن بۇيان دائېش كونترول قىلىۋاتقان پالمىرانىڭ مەركىزىگە قەدەم باسقان.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتە پالمىرانى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلىشى ئاستىدا ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن قىسمەن چېكىنىپ چىققانلىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغاندا، «پالمىرا دۇنيا مەدەنىيەتىنىڭ مەرۋايىتىدۇر» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر