ئافغانىستاندا 12 دائېشچى پارتلاپ ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ نانگارھار شەھىرىدە ئۆزلىرى توشۇپ ماڭغان پارتلىغۇچى ماددىلارنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن 12 دائېش ئەزاسى ئۆلدى.
450329
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى شېرىن ئاكا، تېررورچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن مازداقى رايونىدىن شەدەل بازار رايونىغا ئېلىپ كەلگەن بومبىلارنى پارتلىتىش جەريانىدا 12 تېررورچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاچىن ناھىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مۇھىم مەركىزىي دەپ قارىلىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى نانگارھار، بولۇپمۇ ئاچىنىنى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلاپ بارغان بولۇپ، يۈزلەرچە تېررورىست ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.