ياپون خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ پالاكەت

ياپون خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ پالاكەتتە 16 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئۆلدى، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

448913
ياپون خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ پالاكەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە 2011 – يىلى 11 – مارت كۈنى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىش تاشقىنى ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق خاتىرىلەنمەكتە. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ئىىمپېراتور ئاكىھىتو ۋە رەپىقىسى، مەشھۇر سىياسىيونلار ۋە كاتتا ئەربابلارمۇ مۇراسىمدا بىر يەرگە جەم بولدى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن، شۇ قېتىمقى پالاكەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، ئارقىدىن دۆلەت مارشى ئېيتىلىپ، نۇتۇقلار سۆزلەندى، ئۆلگەنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن گۈلچەمبىرەكلەر قويولدى.

بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پالاكەتكە ئۇچرىغان ياپونىيەدە يۈز بەرگەن 9 بال يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنىدى. پايتەخت توكيونىڭ شەرقىي شىمالىدىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن پالاكەتتە ئولتۇراق رايونلىرى سۇ ئاستىدا قالغان، ھەيۋەتلىك دولقۇنلار ھەممىنى يۇتۇپ كەتكەن، ھەتتا فۇكۇشىما دايىچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان، رېئاكتورلار ئېقىپ كەتكەن؛ پۈتكۈل دۇنيا چېرنوبىل پاجىئەسىدىن كېيىن ئىككىنچى چوڭ يادرو پالاكەتنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. پالاكەتتە 16 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەن، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى. ياپونىيە شۇ قېتىمقى پالاكەتتىن كېيىن قانچە ئون مىليارد مەبلەغ سېلىپ، رايوننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر