«كەشىمىر پاكىستان-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە شەرت بولماسلىقى كېرەك»
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ ھامموند، كەشمىر مەسىلىسىنىڭ پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە ئالدىنقى شەرتى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ ھامموند، كەشمىر مەسىلىسىنىڭ پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ھامموند پاكىستان زىيارىتى ئەسناسىدا پايتەخت ئىسلامئابادتا، باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەتچىسى سەرتاچ ئەزىز بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
«پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىقلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن»دېگەن ھامموند سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «كەشمىر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت بولماسلىقى كېرەك.»
ھامموند ھىندىستاندىكى پاتخانكوت ھاۋا ھەربىي بازىسىغا بۇلتۇر دېكابىردا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن پاكىستان دائىرلىرىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىپ «پاكىستاننىڭ پاتخانكوت تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىدىن خۇرسەن بولدۇم ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئەنگلىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە پاكىستاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن فىلىپ ھامموند، سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: « پاكىستان تېررورىزىمنىڭ قۇربانىدۇر ۋە بىز پاكىستان دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمىز. پاكىستان بىلەن ئەنگلىيە تېررورىزىمغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەتچىسى سەرتاچ ئەزىز، پاتخانكوت ھۇجۇمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەيئەت يېقىندا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ، مەن ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىنىڭ يېقىندا بىر يەرگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»