شىمالىي كورىيە ب د ت نىڭ قارارىغا يەنە پىسەنت قىلمىدى

شىمالىي كورىيە ب د ت نىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا پىسەنت قىلماي يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە روكېت سىناق قىلدى.

443968
شىمالىي كورىيە ب د ت نىڭ قارارىغا يەنە پىسەنت قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ئېمبارگولارنى ماقۇللاپ ئۇزۇن ئۆتمايلا ، «قىسقا مۇساپىلىق روكېتلار بىلەن توپ ئوقلىرىنى» ھەرىكەتلەندۈردى.

جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، ۋونساندىن شەرقىي دېڭىز بويلىرىغا قاراپ ھەرىكەتلەنگەن ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھازىرغىچە نېمە ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دېڭىزغا چۈشكەن جىسىملارنىڭ «روكېت، توپ ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» بولۇش ئېھتىمالىىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورىيە بۇ قېتىمقى سىناقلىرىنى ئۆتكەن ئاي يادور قورال سىنىقى سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئېغىر ئېمبارگولار ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېلىپ باردى.

يېڭى ئېمبارگولارغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيەگە بارىدىغان ۋە بۇ دۆلەتتىن كەلگەن بارلىق يۈكلەر نازارەت قىلىنىدۇ، شىمالىي كورىيەنىڭ يىنىك تىپلىق قوراللارنى سېتىشى چەكلىنىدۇ ۋە «غەيرى رەسمىي پائالىيەتلەر»بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىمالىي كورىيەلىك دىپلوماتلار قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

شىمالىي كورىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋە ئارقىدىنلا تاشقى پىلانتقا ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولغانىدى.

شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن روكېتلارنى سىجىل سىناق قىلىپ كەلمەكتە، بىراق روكېت ۋە قورال ئېتىشلارنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارارلىرىنى ئەيىبلەش مەقستىدە ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر