ناتو قوماندانى: زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىمىز

بىرېدلوۋ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتىدا رۇسىيەنى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

440190
ناتو قوماندانى: زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركىيە گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ قوماندانى برېدلوۋنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق قىسىمىلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تولۇق تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىمىز ۋە يېڭىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا دۈشمەن بولۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىرېدلوۋ «دەل مۇشۇ ۋەجىدىن رۇسىيە ئامېرىكا نىسبەتەن ھەمدە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا نىسبەتەن تەھدىتكە ئايلىنىپ قالدى. رۇسىيە خەلقئارا سەھنىدە قوبۇللۇققا ئېرىشكەن قائىدە - پىرىنسىپلارنى قايتىدىن يېزىشقا ئۇرۇنماقتا. تەڭپۇڭ رايون شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلىرىدىكى مۇنازىرىسىز نوپوزىنى ئىشقا سېلىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ مۇناسۋەت بىلەن رۇسىيە ئاتلانتىك ئوكياندىكى بىرلىكىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى خالايدۇ» دېدى.
بىرېدلوۋ يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تەييارلىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتىدا رۇسىيەنى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى قوشنىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئانتىراكتىكادىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى سۈرىيە قاتارلىق رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.
بىرېدلوۋنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتىدا يەنە «رۇسىيە ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ۋە شېرىكلىرىمىزگە دۇئىل ئېلان قىلماقتا. بۇ ئەمدىلىكتە يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەسلىسىگە ئايلاندى. شۇڭا يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ئىنكاس قايتۇرۇلۇشى لازىم» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر