فىرانسىيەدىكى كۆچمەنلەر لاگېرىدا ۋەقە چىقتى

فىرانسىيەدە ئەنگلىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كۆچمەنلەر پاناھلىنىۋاتقان قەلئە لاگېرى پارىژ بىلەن بىريۇسسېل ئارىسىدا مەسىلە پەيدا قىلدى.

438462
فىرانسىيەدىكى كۆچمەنلەر لاگېرىدا ۋەقە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە يېڭى كۆچمەن دولقۇنىدىن ئەنسىرەپ، چېگرادا ۋاقىتلىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى.

قەلئە لاگېرىدا 4 مىڭ كۆچمەن پاناھلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە چېگراسىنىڭ قارشىسىغا جايلاشقان. پاناھلىنىۋاتقان كۆچمەنلەردىن 300 نەپىرى يالغۇز ئۆز ئالدىغا سەپەرگە چىققان كىچىك بالا.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەنىڭ لاگېرنى تاقاش ۋە كۆچمەنلەرنى تارقىتىۋېتىش قارارىغا قارشى 250 كە يېقىن كۆچمەن ۋە 10 تەشكىلات سوتقا ئەرز قىلغان. سوت مەھكىمىسى قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

بېلگىيە لاگېر تاقالسا كۆچمەن دولقۇنى پەيدا بولىدۇ دەپ، شەنگەن ۋىزىسىنى توڭلىتىپ، ۋاقىتلىق چېگرا تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى. فىرانسىيە چېگراغا ۋە ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان پورتلارغا زاپاس ساقچى قىسىم ئەۋەتتى.

يەنە بىر تەرەوپتىن، بېلگىيەنىڭ لېئوپولدسبۇرگ شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر لاگېرىدا توقۇنۇش چىقتى. ئىراق ۋە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر بىلەن ئافغانىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشىتا، يەتتە كىشى يارىلاندى، 11 كۆچمەن قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر