«سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمىز»

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە كىرىزىسى يىغىنى چاقىردى.

430607
«سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گېرارد ۋان بوھېمېن يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئىنسانىي تىراگېدىيەنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدە رۇسىيەنىڭمۇ ئۈلۈشى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن بوھېمېن، «ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى كىرىزىسنىڭ سەۋەبى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فىرانسۇا دولارت، «سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى بىر تەرەپتىن، بىر قولىنى مۇزاكىرە ئۈچۈن ئۆكتىچىلەرگە ئۇزۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، يەنە بىر قولى بىلەن ئۇلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالى چۇركىن، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ توغرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر