چىلىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

نۇرغۇنلىغان رايوندا ئېلېكتىرىك ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئارگېنتىنانىڭ مېدوزا ۋە جۇيو رايونلىرىدىمۇ يەرتەۋرەشنىڭ ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

430106
چىلىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىدا كوكۇمبو شەھىرىدىن 79 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا 6.3 بال يەر تەۋرىدى.
چىلى جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
نۇرغۇنلىغان رايوندا ئېلېكتىرىك ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئارگېنتىنانىڭ مېدوزا ۋە جۇيو رايونلىرىدىمۇ يەرتەۋرەشنىڭ ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۆتكەن يىل سىنتەبىر ئېيىدا پايتەخت سانتىئاگودىن 228 كېلومېتىر ئۇزۇقلىقتا، غەربىي شىمال تەرەپتە يەر يۈزىدىن 5 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن 8.3 بال يەر تەۋرەش ۋەەقەسىدىن كېيىن 1 مىليونغا يېقىن كىشى دېڭىز تاشقى يۈز بېرىش خەۋپى بولغان رايونلاردىن يۆتكەپ كېتىلگەن ئىدى.
چىلىدا تارىخ بويىچە بىر قانچىلىغان قېتىم چوڭ يەر تەۋرەش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ ۋەقەلەردىن يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆدەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رايوندا 2010 – يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 500 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 220 مىڭ ئۆي يېقىلىپ چۈشكەن ئىدى.
چىلىدە 1960 – يىلى يۈز بەرگەن 9.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىمۇ 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر