ئوباما بىلەن كامېرون تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

426960
ئوباما بىلەن كامېرون تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىدىن باشقا، لوندوندا 4 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەر يىغىنى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

پىرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ياۋروپانىڭ كۆچمەنلەر ئېقىمى تۈپەيلىدىن دۇچ كېلىۋاتقان زور قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياردەم قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى تەكرارلىدى.

ئۇ لوندوندا ئېچىلىدىغان يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جون كېررىينىڭ يىغىندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەققىدە يېڭى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە سېنتەبىر ئېيىدا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە كۆچمەنلەر توغرىسىدا يىغىن ئېچىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئوباما بىلەن كامېرون كۆرۈشۈشتە يەنە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشتە كونكرېت قەدەم تاشلاش، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر