خەلقئارا جەمئىيەت دائېشقا قارشى ھەرىكەتتە

ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئالدىنقى قېتىمقىلىرى لوندون، پارىژ ۋە بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن دائېشقا قارشى يىغىننىڭ تۆتىنچى قېتىملىقى چاقىرىلدى.

426976
خەلقئارا جەمئىيەت دائېشقا قارشى ھەرىكەتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دائېشقا قارشى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىقى لوندون، پارىژ ۋە بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

23 دۆلەت قاتناشقان ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىنغا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ قاتناشتى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇش ۋە بىتچىت قىلىش مەسىلىلىرى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بولدى.

يىغىندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سۈرىيە بىلەن ئىراقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا، دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «دائېشنى يىڭىش ئۈچۈن سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. چۈنكى مۇشۇنداق قىلغان ۋاقتىمىزدا، دائېشنىڭ پۇت – قولىنى كېسىپ تاشلىيالايمىز» دېدى.

ئۇ دائېشقا قاشى كۈرەش دائىرىسىدە، 20 مىڭ ئىراق ئەسكىرى ۋە پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسمى ئەسكىرى) نىڭ تەربىيەلەنگەنلىكىنى، تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدىكى ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئېلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۈرىيەدە كۈندىن كۈنگە يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەستىن، بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ. بۈگۈن سۈرىيەدە 13 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجى بار، بۇلارنىڭ 6 مىليونى كىچىك بالا.»

ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە بىريۇسسېلدا كۆرۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر