گېرمانىيەدە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ سائار ۋىلايىتىدە بىر جامەگە بىر تۈركۈم كىشىلەر ماي بوتۇلكىسى ئاتتى.

426898
گېرمانىيەدە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ سائار ۋىلايىتىدىكى نۇنكىرچېن شەھىرىدە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ۋەقەدە يارىلانغانلار بولمىدى. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىخەتەرلىك كامېرىلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە سالاھىيىتى نامەلۇم ئىككى كىشى يەكشەنبە كۈنى جامەنىڭ ھويلىسىغا ئىككى ماي بوتۇلكىسى ئاتقان ۋە ماي بوتۇلكىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىچىدىكى مايغا ئوت كەتكەن، بىراق ئوت ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ قالغان. جامەمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغان.

ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى بۇ ۋەقەنىڭ چەت ئەللىك ياكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيەدە كېيىنكى كۈنلەردە جامەلەردىن سىرت بولۇپمۇ مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر