خىتاي 5 يېڭى ھەربىي رايون بەرپا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بۇرۇنقى 7 ھەربىي رايوننىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا، شىمال، جەنۇب، شەرق، غەربتىن ئىبارەت 5 يېڭى ھەربىي رايون بەرپا قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

426316
خىتاي 5 يېڭى ھەربىي رايون بەرپا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
Şi Cinping

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەر بىر رايوننىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق 2.3 مىليون ئەسكىرى بار ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمدا رايون قوماندانلىرىغا ۋەزىپە تاپشۇرغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، «يېڭى بەرپا قىلىنغان ھەربىي رايونلار ھەمىشە ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى لازىم» دېدى.

جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ياپونىيە، فىلىپپىن، ۋېيتنام، ھىندونېزىيە، مالايشىيا ۋە برۇنېي قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرمەكتە.

ۋاشىنگىتون بېيجىڭنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى نەنشا رايونىدا سۈنئىي ئارالچىلارنى پەيدا قىلىپ، ھەربىيلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. خىتاي بولسا بۇنىڭدىن تىنچلىقنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر