ما يىڭجيۇ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارالنى زىيارەت قىلىدۇ

تەيۋەن پىرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا تەيۋەننىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان «ئىتۇ ئابا» ئارىلىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

425421
ما يىڭجيۇ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارالنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چىن يىشىن، ما يىڭجيۇنىڭ چاغاندىن بۇرۇن خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن ئەھۋال سوراش ئۈچۈن «ئىتۇ ئابا» ئارىلىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ۋاكالەتخانىسى «بۇ ئىشتىن ئۈمىدسىزلەندۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلدى ۋە ئارال زىيارىتىنىڭ رايوندىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىىسى ما شياۋگۇاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن رەھبىرىنىڭ تالاش – تارتىشلىق دېڭزىدىكى ئارالنى زىيارەت قىلىش پىلانىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. باياناتچى ما شياۋگۇاڭ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ئۈستىدە شەرتسىز ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ۋە تەيۋەندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى.

خىتاي تەبىئىي بايلىقى ناھايىتى مول بولغان جەنۇبىي دېڭىزدا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنى ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى قىلماقتا. خىتاي تەيۋەننىڭ ئۆزىگە تەۋە بىر ئارال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھەر يىلى جەنۇبىي دېڭىزدا دۇنيا بىلەن بولغان دېڭىز تىرانسىپورت سودىسىدا 5 تىرىلىيون دوللارلىق سودا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر