خىتاي دېڭىزدا يادرو ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

خىتاي دائىرلىرى دېڭىزدا «ئۈزىدىغان» يادرو ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي دېڭىزدا يادرو ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىزدا «ئۈزىدىغان» يادرو بازىسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

دېڭىز بايلىقلىرىدىن زور دەرىجىدە پايدىلانماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان خىتاي، «بىخەتەر ۋە تىنچ» يوللاردىن يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇدىرى شۇ داجى دېڭىزدا ئۈزىدىغان يادرو بازىسىنىڭ ئىلمىي خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاۋا بۇلغىنىشى قاتارلىق ئېغىر مۇھىت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي مەسئۇللىرى دۆلىتىنىڭ «بىخەتەر ۋە تىنچ» يوللاردىن يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، دېڭىز بايلىقلىرىدىن زور دەرىجىدە پايدىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ جەمئىي 28 مىليون 300 مىڭ گىگاۋات ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاكتىپ 30 يادرو ئېلېكتىر بازىسى بار. خىتاي 2020-يىلدىكى ئېنېرگىيە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يەنە 8 يادرو بازىسى قۇرۇشنىڭ زېمىنىنى تەييارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر