« ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭنىڭ بىرلىكتە ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك ئورتاق مەسىلىلىرى بار»

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يەنى بىلەن كۆرۈشتى.

424895
« ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭنىڭ بىرلىكتە ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك ئورتاق مەسىلىلىرى بار»
Kerry Çin
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا تەرەپلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
كېرى، شىمالىي كورېيە ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ «ئالغا ئىلگىرىتىدىغان يول تېپىشى» نى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭنىڭ بىرلىكتە ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك ئورتاق مەسىلىلىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى چوڭ تەھدىت، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور خەۋپ تەشكىل قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن لائوس ۋە كامبودژاغا قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن كېچە بېيجىڭغا يېتىپ بارغان كېرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن، ئۇچرىشىشتا خىتاي تەرەپكە ۋاشىنگىتوننىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى بىلەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىلىرىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر