فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: 2015 - يىلى مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەر 3 ھەسسە ئېشىپ كەتتى
ئۆتكەن يىلى فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
423530
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لا كروئىكس گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد، 2015 – يىلى فىرانسىيەدە مەيدانغا كەلگەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەرنىڭ ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «2015 – يىلى فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان 400 گە يېقىن ۋەقە يۈز بەردى. بۇلارنىڭ يېرىمى 2015 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە، 2015 – يىلى يانۋاردىكى چارلې ھېبدو ۋە ھايپېر كاچېر ھۇجۇمىدىن كېيىنلا يۈز بەردى.» دېدى.
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرناد، ئۇ مەزگىلدە فىرانسىيەدىكى يەھۇدىيلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ %5 ئازايغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.