ب د ت باش كاتىپىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىي كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ ھەقتە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

412178
 ب د ت باش كاتىپىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بان كىمون، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يانۋاردا سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باشلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئۈچۈن دىپلوماتىك مۇزاكىرە مۇساپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بان كىمون، 2015 – يىلى ۋە كۈندىلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى يىغىن چاقىردى.
بان كىمون، سۈرىيەدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق باسقۇچنىڭ بەششار ئەسەدكە چېتىپ قويۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىياسىي باسقۇچ ئۈچۈن قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بان كىمون، خەلقئارا سۈرىيەگە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ 18 – نويابىر كۈنى نىيۇ يوركتا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بان كىمون، كېلەر يىلى مايدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئىنسانىي يىغىنىنىڭمۇ سىستېمىلىق پۇل - مۇئامىلە مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بان كىمون، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل سۈرىيە كىرىزىسى ۋە بۇنىڭ ھەل قىلىنىشىنى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىگە باغلىق دەپ قاراشنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر