گېرمانىيە ئاشقۇن ئوڭچىلارنى كۈزىتىشنى كۈچەيتتى

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى توماس دې مائىزېئېرې كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىلار زوراۋانلىقىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن «نومۇس قىلارلىق» ۋە «ئەندىكتۈرگۈچى» ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

407524
گېرمانىيە ئاشقۇن ئوڭچىلارنى كۈزىتىشنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى توماس دې مائىزېئېرې ‹شىپېگېل› ژۇرنىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئاشقۇن ئوڭچىلارغا يالغۇز خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقنىڭ قارشى چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. چەت ئەللىكلەرنى يامان كۆرۈش خاھىشى ۋە ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدىيەنىڭ خەلقنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدا يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن مائىزېئېرې، مەملىكەتتە كۆچىيىپ قېلىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىلار زوراۋانلىقىنىڭ ‹گېرمانىيە ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق بىر ئىش› ۋە ‹ئەندىكتۈرگۈچى ئەھۋال› دەپ باھا بەردى.

مائىزېئېرې خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىلارنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

‹شىپېگېل› ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە، ئاشقۇن ئوڭچىلار سادىر قىلغان جىنايەت نىسبىتىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى، سېنتەبىر ئېيىدا ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ 1484، ئۆكتەبىر ئېيىدا 1717 جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر