كېررى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

جون كېررى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئاچقان يىغىنىدىن ئىجابىي نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

361398
كېررى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش نامىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئاچقان يىغىندىن ئىجابىي نەتىجە چىققانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رىيادىكى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلغان جون كېررى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە دېموكراتىك سۈرىيە ئۈچۈن زۆرۈر پىرىنسىپلار ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي تەدبىرلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ۋىيېننا بىلەن رىيادتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش نەتىجىسىدە، خەلقئارالىق سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ يانۋار ئېيىدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان يىغىنى ئۈچۈن ئاساس تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ رىياد يىغىنىغا، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرەلەرنى باشلاشقا يېقىنلىشىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇھىم قەدەم، دەپ باھا بەردى. ئۇ: «ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا تولغان يولنى بىلىمىز، ئۇرۇشنى توختىتىدىغان سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى رىيادتىكى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئېلان قىلغان خىتابنامىدە، مەركىزىي رىيادتا بولىدىغان بىر كومىتېتنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشلاش ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغان ھەيئەتنى بەلگىلەپ چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، سۈرىيەدە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىردەك ۋەدە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى س پ ئا نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز 10 – دېكابىر رىيادتا سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى ئوردىسىدا قوبۇل قىلىپ: «سىلەرگە ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دۆلىتىڭلاردا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ۋەدە بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز. سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز تارىخىيلىققا ئىگە. سۈرىيە بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، سۈرىيە شۇنداقلا سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر