ئەل ئەقسا جامەسىنىڭ ئالدىغا چوشقا كاللىسى تاشلاپ قويۇلدى

ئامېرىكانىڭ فىلادىلفىيە شەھىرىدىكى ئەل ئەقسا جامەسىنىڭ ئالدىغا قىزىل رەڭلىك پىكاپتىن چوشقا كاللىسى تاشلاپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەل ئەقسا جامەسىنىڭ ئالدىغا چوشقا كاللىسى تاشلاپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكان – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) نىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، كامېرادىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، 6 – دېكابىر يەكشەنبە كېچىسى جامەنىڭ ئالدىغا كەلگەن قىزىل رەڭلىك بىر پىكاپتىن چوشقا كاللىسىنىڭ تاشلاپ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، تاشلاپ قويۇلغان چوشقا كاللىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى(7 – دېكابىر) ئەتىگەندە جامەدىكى بىر خىزمەتچى تەرىپىدىن بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
فىلادىلفىيە ساقچى دائىرىلىرى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئامېرىكان – ئىسلام كېڭىشىنىڭ فىلادىلفىيەدىكى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاكوب بېندېر، مەزكۇر ۋەقەنىڭ دونالد چامپ ۋە بېن كارسونغا ئوخشاش، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلغان سۆزلىرىنىڭ تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
جاكوب بېندېر مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى قىلىنغان بۇ خىل ھۇجۇملار پۈتكۈل ئاېرىكىلىقلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى لازىم.»
فىلادىلفىيە شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى رۇ لانداۋ، شەھەردىكى ئېتنىك ئاسمىلاتسىيە ۋە ئىدارە – ئورگانلارغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقلارنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك قائىدە – تۈزۈملەرنى ئاياق - ئاستى قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ: «بۇ ئامېرىكىلىق ئەرەبلەر جەمئىيىتىنىڭ فىلادىلفىيەدە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە ھەقىقەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىنتايىن سەت ھەرىكەت» دېدى.
فىلادىلفىيە شەھەر باشلىقى جىم كېننىيمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «ئەل ئەقسا جامەسىنىڭ مۇقەددەسلىك ئورنىغا زىيان سېلىشقا قارىتىلغان بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ شەھىرىمىزدە يېرى يوق» دېدى. شەھەر باشلىقى كېننىي سۆزىدە، شەھەر پۇقرالىرىنى «بۇ پەسكەش ھەرىكەت» نى ئەيىبلەشكە ۋە مۇسۇلمان قوشنىلىرىنى قوللاشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر