رۇسىيە دائېشقا سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

رۇسىيە سۈرىيەدىكى دائېش نۇقتىلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاقدېڭىزغا يېتىپ كەلگەن بىر سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، بومباردىمان قىلدى.

404697
رۇسىيە دائېشقا سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ سۈرىيەدىكى دائېش نۇقتىلىرىغا تۇنجى قېتىم ئاقدېڭىزدىكى سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلگەن « چارلىغۇچى» (Cruise) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيەدە چىقىدىغان «بۈگۈنكى رۇسىيە گېزىتى» (Russia Today) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6 – دېكابىر سۈرىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلگەن «روستو ئاندون» ناملىق سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوتىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا راققەدىكى دائېشنىڭ قورال – ياراغ ئىسكىلاتلىرى، پارتلاتقۇچ زاۋۇتى ۋە نېفىت ئايرىش ئەسلىھەلىرىنى پارتلىتىۋەتكەن.
رۇسىيە نويابىر ئېيىدىمۇ ئاقدېڭىز ۋە ھازار دېڭىزىدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ دائېش نۇقتىلىرىغا زەربە بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىم بولسا، تۇنجى قېتىم سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ دائېش نۇقتىلىرىنى پارتلاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر