دائېشتىكى چەت ئەللىك «جەڭچى» سانى 30 مىڭغا يەتكەن

دائېشتىكى چەت ئەللىك «جەڭچى»سانىنىڭ 30 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈردى.

417077
دائېشتىكى چەت ئەللىك «جەڭچى» سانى 30 مىڭغا يەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى چەت ئەللىك «جەڭچى» سانى 2014-يىلى ئىيۇندىن بۇيان 2 ھەسسە ئېشىپ 30 مىڭغا ئەتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى خۇسۇسىي بىر ئىنستىتۇت بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە بىلەن ئىراقتا 86 دۆلەتتىن 27 مىڭ بىلەن 30 مىڭ ئارىسىدا چەت ئەللىك «جەڭچى» بار ئىكەن.
ياۋروپادىن كېلىپ دائېش سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان 5 مىڭ چەت ئەللىك «جەڭچى»دىن 1700نىڭ فىرانسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دائېشتا 2500 سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، 2400 رۇسىيەلىك، 2100 تۈركىيەلىك، 8000 مەغرىپلىق بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر