ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن توغرا پايدىلانماسلىقنىڭ زىيىنى قانچىلىك

مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن توغرا پايدىلانماسلىقنىڭ كىشىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

403972
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن توغرا پايدىلانماسلىقنىڭ زىيىنى قانچىلىك

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاڭسىز ھالدا پايدىلىنىش كىشىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن پىروفېسسور دوكتور كەمال سايار، بىراۋ Facebook, Twitter, Instagram قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بەتلىرىدە كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا «كۈندىلىك تۇرمۇشتىن يىراقلىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق ۋە قېچىش، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى رولىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سايار مۇنداق دېدى: «بىراۋ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاياتتا تىرىشچانلىق ۋە سەبىر تەقەززا قىلىدىغان كۈچلۈك تەجرىبىلەردىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ. ئۆتكۈنچى ئېھتىياج ۋە ئارزۇنى دەرھال قاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېھتىياج ۋە ئارزۇ قاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان كىشىگە نىسبەتەن ئۇزۇن مۇددەتلىك خوشاللىقنىڭ ۋە چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئورنىنى يۈزەكى ۋە ئۆتكۈنچى ھېس-تۇيغۇلار ئالىدۇ.»
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشنىڭ كىشىنى ئۇنىڭغا خۇمار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان سايار، بۇنىڭ ھاراق ۋە تاماكا خۇمارىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىڭ نۇرغۇن تەتقىقات تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
سايار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشى ۋاقىت ئۇقۇمىنى يوقىتىپ قويۇشقا، ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە كېزىپ يۈرىدىغانلىقتىن كۈندىلىك ھاياتتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى قوبۇل قىلماسلىققا، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالدىن پۇشايمان قىلماسلىققا باشلايدۇ ۋە ھاياتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار مەركەزلىك بولىدۇ،  باشقىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن خاپا بولىدۇ.»
سايار «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار كىشىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بەتلىرى بولسىمۇ، بۇ تور بەتلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىنساننى تەنھالاشتۇرۇپ، ھەققىي ۋە چىن مۇناسىۋەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر