بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېشنىڭ نېفىت سودىسى ئاشكارىلاندى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ نېفىتتىن باشقا ئېلېكتىر ۋە تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىدىن بىرلىكتە پايدىلىنىش توغرىسىدا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

402666
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېشنىڭ نېفىت سودىسى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئېلېكتىر ۋە تەبىئىي گازىنى ئۈزۈۋېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە تۇرۇقلۇق بەششار ئەسەدنى ساقلاپ قالماقتا.
رۇسىيە نويابىر ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى دېيرۇز زۇرنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، بۇ بومباردىماندا بەزى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرى، شۇنىڭدەك بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايونلارغا گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا يوللىرىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دېيرۇز زۇر مەركىزىي ۋە سىرتىغا جايلاشقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ گاز ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، ئېلېكتىر توختاپ قالغان كۈنلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتىر مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى تەبىئىي گازغا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇھىم.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەزكۇر قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورناتقان ئۆزئارا ھەمكارلىق، تۈركىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ خەۋەرلىشىشنى تەكشۈرۈۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەپتە ئىچىدە دېيرۇز زۇر ۋىلايىتىنىڭ دائېش كونتروللۇقى ئاستىدىكى مەرىيە رايونىغا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن تېخنىكا خادىملىرىنى ئەۋەتكەن. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي بازىلىرىدىن مەرىيە ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان سەردە، جەفرا ۋە ئايرودۇرۇم قىسىملىرى بىلەن قىلىنغان سىمسىز تېلېفون ئالاقىلىرىدە، دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا كىرىدىغان ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرىنى رېمونت قىلىدىغان خادىملارغا ئوق چىقارماسلىق بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن.
دائېشنىڭ ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا بۇ خادىملارنى كىرگۈزۈشى، بۇنىڭدىن بۇرۇن بەششار ئەسەد بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇيرۇق يەتكۈزگەن ئوفىتسېرنىڭ، «تۇرۇبا يولىنى رېمونت قىلىدىغانلارغا ئوق چىقارساق، سۈرىيەنىڭ توكى توختاپ كېتىدۇ» دېيىشى، دائېشنىڭ قولىدا بەششار ئەسەدكە قارشى پايدىلىنىۋاتقان چوڭ كوزىرنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقتا، «ئوتتۇرىمىزدا ئېلېكتىر ئۈچۈن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى رېمونت قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم بار» دېگەن مەلۇمات بار.
يېقىنقى كۈنلەردە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت سودىسى خەلقئارادا مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى. سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغانلىقى ۋە خەلقئارالىق ئېمبارگولار سەۋەبىدىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نېفىت ئۈچۈن دائېش بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
دائېشنىڭ قول ئاستىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايونلارغا يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە تۇرۇبا يوللىرىدىن نېفىت يەتكۈزۈلىدۇ. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە دائېش ئوتتۇرىسىدا نېفىت سودىسى قىلىۋاتقان بەزى كىشىلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر بەششار ئەسەد بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت سودىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر