ئەدەن ۋالىيسى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەدەن ۋالىيسى جەئفەر سەئىد دائېشنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلدى.
401850
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى توقۇنۇشلار سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا؛ ئەدەن ۋالىيسى جەئفەر سەئىد دائېشنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلدى.
شىئەلەر بىلەن سۈننىي گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار بىلەن باشلانغان يەمەندىكى قالايمىقانچىلىق توختاۋسىز داۋام قىلماقتا. يەمەندىكى توقۇنۇشلارغا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ قېتىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم يەمەننىڭ پورت شەھىرى ئەدەندە ھۇجۇم پەيدا قىلدى.
ھۇجۇمنىڭ نىشانى ئەدەن ۋالىيسى جەئفەر سەئىد بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 6 نەپەر مۇھاپىزەتچىسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى.